باڭلادېش بىرماغا يەنە 50 مىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇردى

داككا دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى تىزىملىكنى قوشقاندا جەمئىي 105 مىڭ روھىڭيالىقنىڭ ئىسمىنى بىرماغا يوللاپ بەرگەن بولدى.

1289121
باڭلادېش بىرماغا يەنە 50 مىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېش بۈگۈن روھىڭيالىقلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەۋەتكەن 55 مىڭ كىشىلىك تىزىملىككە قوشۇمچە قىلىپ كوكس بازار مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسىملىرىنى بىرماغا يوللاپ بەردى.

داككا دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى تىزىملىكنى قوشقاندا جەمئىي 105 مىڭ روھىڭيالىقنىڭ ئىسمىنى بىرماغا يوللاپ بەرگەن بولدى.

ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەتلىرىگە قايتالىشى ئۈچۈن نېپىدو ھۆكۈمىتىنىڭ تىزىملىكنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

باڭلادېش بىلەن بىرما ئاۋغۇست ئېيىدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىمىزدىكى ئىككى يىل ئىچىدە دۆلەتلىرىگە قايتىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغانىدى. بىراق، بىرىنچى قېتىملىق بەلگىلىمە، قايتىش ئۈچۈن بىخەتەر مۇھىت يارىتىلمىغاچقا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قايتىشنى رەت قىلىشى تۈپەيلى ئەمەلگە ئاشمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر