ئافغانىستان پارلامېنت بىناسى راكېتامىيوت ئېتىلدى

ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1287796
ئافغانىستان پارلامېنت بىناسى راكېتامىيوت ئېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پايتەختى كابۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرىجايلاشقان پارلامېنت بىناسىنىڭ راكېتامىيوت ھۇجۇمىنىڭ نىشانى بولغانلىقى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

كابۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى فېردەۋس فارامارز ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كابۇلنىڭ دارۇلئامان رايونىغا جايلاشقان پارلامېنت بىناسىنىڭ راكېتامىيوت ھۇجۇمىنىڭ نىشانى بولغانلىقىنى، بىراق راكېتامىيوت ئوقلىرىنىڭ بىنا ئەتراپىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھۇجۇمدا ھېچقانداق زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھازىرچە ھۇجۇمغا ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر