ئىسلام دۇنياسىنىڭ زىيالىىيلىرى «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نى قوللىدى

ئىسلام دۇنياسى ۋە ئەرەب ئەللىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان 103 مۇتەپەككۇر، دىپلومات ۋە ئاكادېمىك « ھەربىي ھەرىكىتى» نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1286823
ئىسلام دۇنياسىنىڭ زىيالىىيلىرى «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چۈشەنچە ۋە ئىستىراتېگىيەلىك تەتقىقات مۇنبىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسلام دۇنياسى ۋە ئەرەب ئەللىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان 103 مۇتەپەككۇر، دىپلومات ۋە ئاكادېمىك «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان  قىلغان بولۇپ، باياناتتا، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى رايوندا تىنچلىق ئورنىتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقى، رايوندىكى دائېش ۋە سۈرىيە خەلقىنىڭ تەبىئىي بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان كوردلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سۈرىيە، تۈركىيە ۋە پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قوراللىق تېررورچىلارنىڭ رايوندا پۈتكۈل خەلقئارالىق قانۇنلارنى دەپسەندە قىلىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى يىرگىنچلىك جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقى، شۇڭا ئىسلام ۋە ئەرەب دۇنياسىدىكى مۇتەپەككۇرلار، دىپلوماتلار ۋە ئاكادېمىكلاردىن تەشكىل تاپقان زىيالىيلارنىڭ تۈركىيەنىڭ بۇ ھەركىتىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى سۈرىيەدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتالايدىغان، پۇقرالارنى قوغدىيالايدىغان بىردىنبىر دۆلەتنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. <فىرات قالقىنى> ناملىق ھەربىي ھەرىكەت ۋە <زەيتۇن شېخى> ھەربىي ھەرىكىتىدىكىگە ئوخشاشلا، بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى ئارقىلىقمۇ يۇرت – ماكانلىرىن باشقا جايلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلىنغانلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا بىخەتەر ھالدا قاينتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بىردىنبىر دۆلەتمۇ يەنىلا تۈركىيەدۇر. شۇڭا، سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئېقىۋاتقان قانلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن پۈتكۈل خەلقئارا جامائەتچىلىكنى تۈركىيە كۆرسىتىۋاتقان بۇ سەمىمىي تىرىشچانلىقنى قوللاشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر