گراھامنىڭ پ ك ك مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ روشەن ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراھامنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك توغرىسىدىكى قاراشلىرىنىڭ ئايدىڭ ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

1283716
گراھامنىڭ پ ك ك مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ روشەن ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىندسېي گراھام، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغۇسى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللىمايدىغانلىقى ۋە بۇ رايوندىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنىڭ بىرى بولدى ۋە بۇ قارارنىڭ «ئاقىلانە ئەمەسلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرىنى «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دائېشنى مەغلۇپ قىلىشىغا ياردەم قىلغان كورد كۈچلىرى» دەپ ئاتىغان گراھام، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان تەقدىردە تۈركىيەگە «ئېمبارگو» يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

لېكىن لىندسېي گراھام 2015 – يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر يىغىندا ئۆز ۋاقتىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، تۈركىيەنىڭ ي پ گ / پ ك ك مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

ئۇ مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ قولىدىكى دوكلاتلاردا پ ي د / ي پ گ نىڭ، پ ك ك بىلەن ئالاقىسىنىڭ بارلىقىنىڭ ئەسكەرتىلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان گراھام، كارتېردىن «ئۇنداقتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە پ ك ك بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىغان، بۇ سوئالغا كارتېرنىڭ «پ ك ك پەقەت تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭلا ئەمەس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدىمۇ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ جاۋاب بېرىشىدىن كېيىن، «ئۇنداقتا سۈرىيەدە پ ك ك بىلەن مۇشۇنداق يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقان ي پ گ نى قوراللاندۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن تۈركلەرنىڭ بىزدىن نارازى بولۇشى ھەيران قالارلىقمۇ؟» دېگەنىدى.

ئۇ، «تۈركىيەدىن كەلگىنىمگە ئۇزۇن بولمىدى. (ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ي پ گ / پ ك ك نى قوراللاندۇرۇشى) بۇ ئۇلارغا نسىبەتەن بىر مەسىلە. ئۇلار بۇنى دۇنيانىڭ ئەڭ ئەخمىقانە پىكرى دەپ قارايدۇ ۋە مەنمۇ ئۇلارنىڭ بۇ پىكرىگە قوشۇلىمەن. <ئۇنداقتا تۈركىيە نېمىشقا غەزەپلەندى> دېگەنگە قىزىقىدىغان بولساڭلار، سەۋەبى سۈرىيەدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوراللاندۇرۇۋاتىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر