ئىران ئالەم بوشلۇقىغا ئالەم ئۇچقۇسى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئىران ئۇچۇر – ئالاقە ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد ئازەرى چەھرومى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا ئىرانلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى ئەۋەتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1282470
ئىران ئالەم بوشلۇقىغا ئالەم ئۇچقۇسى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئۇچۇر – ئالاقە ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد ئازەرى چەھرومى، دۇنيا ئالەم بوشلۇقى ھەپتىسى دائىرىسىدە مىنىستىرلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، دۆلىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئىراننىڭ ئالەم بوشلۇقى سانائىتى ساھەسىدىكى خىزمەتلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى غەزىپىنى قوزغىغانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن بىر كېچىدىلا ئىراننىڭ 3 ئالەم بوشلۇقى مۇئەسسەسەسىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن چەھرومى، «باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ياردەم قىلىشى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا چوقۇم ئىرانلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى ئەۋەتىمىز. بۇ يېڭىلىقلاردىن بىئارام بولىدىغانلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، يەر يۈزىنىڭ بىر مېتىر يىراقلىقتىن كۆرۈنۈشىنى ئالالايدىغان سۈنئىي ھەمراھنىمۇ 2021 – يىلىغىچە ئوقىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر