ترامپ دېموكرتىك قاناتنى سايلاملارغا مۇداخىلە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئۆزى ئۈسىتىدىن «ۋەزىپىدىن يىراقلاشتۇرۇش تەكشۈرۈشى» ئېلىپ بېرىۋاتقان دېموكراتىك قاناتنى 2016 ۋە 2020 – يىل سايلاملىرىغا مۇداخىلە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

1282648
ترامپ دېموكرتىك قاناتنى سايلاملارغا مۇداخىلە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىگە ئالاقىدار دوكلاتنىڭ «ھەقىقەتكە يېقىن يولىمىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ھالدا «(ئاۋام پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتى باشلىقى ئادام) چىف ۋە (ئاۋام پالاتا باشلىقى نانسىي) پېلوسى، بۇ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ خاتىرىسىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىمنى قەتئىي ئويلاپ قويۇشمىدى. بۇنداق قىلىشىم ئۇلار ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن ئىش بولدى ۋە تۇتۇلۇپ قېلىشتى. بۇ تەكشۈرۈش ئامېرىكا خەلقىگە قىلىنغان بىر ساختىپەزلىكتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپ يەنە بىر تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا، «ھېچقانداق ئىش قىلمىغان دېموكراتلار، پەقەت 2020 سايلاملىرىغا مۇداخىلە قىلىش بىلەنلا قالماستىن، 2016 – يىلىدىكى سايلاملارغىمۇ مۇداخىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇلار توختىتىلىشى كېرەك» دەپ چاقىرىق قىلدى.

ترامپ، دېموكراتىك قاناتنىڭ 2016 – يىلىدىكى پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارى كىلىنتون توغرىسىدىكى چىرىكلىك دەۋالىرىغا دائىر قاراشلارنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، «ساختىپەز ھىلارى كىلىنتون ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رەسمىي شەكىلدە تەلەپ قىلغان 33 مىڭ پارچە ئېلخەتنى چاقىرىقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۆچۈرۈپ يۇيۇۋېتەلەيدۇ، بىراق مەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى بىلەن قائىدىلەرگە ئۇيغۇن ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشسەم بولمايدۇ، شۇنداقمۇ؟...» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ گىرېتسىيە زىيارىتى ئەسناسىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مىنىستىرلىقتىن تەلەپ قىلغان ئۇكرائىناغا ئالاقىدار ھۆججەتلەر ھەققىدە بايانات بېرىپ، «بىزدىن تەلەپ قىلىنغان ھۆججەتلەرگە دائىر بىرىنچى ئىنكاس سۈپىتىدە مىنىستىرلىق تۈنۈگۈن كېچە دۆلەت مەجلىسىگە بىر پارچە مەكتۇپ يوللىدى. قانۇندا كۆرسىتىلگەن بارلىق ئىشلارنى چوقۇم قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر