فىرانسىيەدىكى سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشى 47 - ھەپىتىسىگە قەدەم قويدى

فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر، نامايىشلارنىڭ 47 – ھەپتىسىدە پىرېزىدېنت ئېمانۇئېل ماكرون ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن تۈنۈگۈن قايتىدىن نامايىش ئۆتكۈزدى.

1282513
فىرانسىيەدىكى سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشى 47 - ھەپىتىسىگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىلغۇ باھالىرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە ناچارلىشىپ كەتكەن ئىقتىسادىي شارائىتقا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە باشلىنىپ كېيىنچە ماكرون ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلارغا ئايلىنىپ كەتكەن سېرىق جىلىتكىلىكلەر ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.

پارىژدىكى سېرىق جىلىتكىلىكلەر ئىتالىيە مەيدانىدىكى بىر سوا مەركىزىنى ئىگىلىۋالدى. ماكرون ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى شوئارلارنى توۋلىغان نامايىشچىلار، كىشىلەرنىڭ سودا مەركىزىگە كىرىپ چىقىشىغا يول قويمىدى. نامايىشنى مۇھىت ئاسرىغۇچىلارمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى.

تولۇسې شەھىرىدىكى نامايىش ئەسناسىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى. ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلدى. نامايىشچىلارنىڭ يىقىلىپ چۈشكەن بىر ساقچىنى تەپكەنلىكى، بىر كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، 3 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىدە نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.

سېرىق جىلىتكىلىلەرنىڭ نامايىشلىرى 2018 – يىلى 17 – نويابىردا باشلانغانىدى. ۋەقەلەردە ھازىرغىچە 22 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 4245 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، 12107 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر