گوللاندىيەدە جامە ھۇجۇمچىسىغا قاماق ھەم پۇل جازاسى بېرىلدى

گوللاندىيەنىڭ لېئۇۋاردېن شەھىرىدە ماراكەشلىكلەر ناماز ئوقۇيدىغان جامەگە ئوت قويۇۋەتكەن كىشى 3 يىللىق قاماق ۋە 1300 ياۋرو پۇل جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1281918
گوللاندىيەدە جامە ھۇجۇمچىسىغا قاماق ھەم پۇل جازاسى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي گوللاندىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  لېئۇۋاردېن شەھىرىدە ئاپرېل ئېيىدا ماراكەشلىكلەر ناماز ئوقۇيدىغان بىر جامەگە ئوت قويۇۋەتكەن كىشىگە 36 ئايلىق قاماق ۋە 1300 ياۋرو تۆلەم جازاسى بېرىلگەن.

باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، زوراۋان جامەنىڭ ئالدىدىكى ئەخلەت خالتىرىلىغا ئوت قويۇۋەتكەن، بۇ ئارقىلىق جامەنى ۋە جامەنىڭ ئىچىدىكى ئىمام بىلەن جامائەتنى چوڭ خەتەرگە ئىتتىرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر