ئامېرىكىنىڭ بىر بومباردىمانچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كوننېكتىكۇت ئىشتاتىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان بىر بومباردىمانچى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ 5 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
1281105
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوننېكتىكۇت ئىشتاتى ۋالىيسى نېد لامونتنىڭ باياناتچىسى ماكس رېئىس، ب-17 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ ھارتفوردنىڭ شىمالىدىكى برادلېي خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىسمىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى، قازادا دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، 5 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.
قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا جىددىي قونۇشقا ئۇرۇنۇش ئەسناسىدا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندا 3 نەپىرى ئايروپىلان خادىمى بولۇپ جەمئىي 13 ئادەمنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.