رۇھانى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى تېھرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرى سەۋەبلىك  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى تەنقىد قىلدى.

1280333
رۇھانى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇھانى ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى ئەرىۋاندا چاقىرىلغان «ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» باشلىقلار يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «خەلقئارا جامائەتچىلىك مۇھىم قارارلارنى ماقۇللاپ ۋە ئۈنۈملۈك قەدەملەرنى تاشلاپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەسى ۋە بىر تەرەپلىمىلىك سىياسەتلىرىگە قارشى چىقىشى لازىم. دەرۋەقە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلماي ۋە خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە قىلچە پىسەنت قىلماي ئۆز ئالدىغا بىرقاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەنى ئاياغ ئاستى قىلىپ، خىتاي، رۇسىيە، ھەتتا ئىتتىپاقداشلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. ئىران يادرو كېلىشىمىگە قول قويغان بارلىق تەرەپلەردىن بۇ ھەقتە جىددىي قەدەم تاشلىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ. باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ يادرو كېلىشىمىنى قوللىشى رايوننىڭ ۋە خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكى ھەم مۇقىملىقى ئۈچۈن زۆرۈررىيەتتۇر.»

ئۇ يەنە، ھۈرمۈز بوغۇزى تىنچلىق پىلانىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايون دۆلەتلىرىنى بۇ پىلانغا داخىل بولۇشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر