رىياد تېھران بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشنىڭ شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير، دۆلىتىنىڭ ئىران بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى.

1280354
رىياد تېھران بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشنىڭ شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادىل ئەلجۇبەير ئىران ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئەلى رەبىئىنىڭ «سەئۇدى ئەرەبىستان پوزىتسىيەسىگە سەمىمىي ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزسە، كۆرۈشۈش تەلىپىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېگەن باياناتلىرىدىن كېيىن تىۋىتتېردىكى ئادرېسى بايانات بەردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «ئىران بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى مەلۇم قىلىدىغان بىر مەكتۇپ يوللىمىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن جۇبەير، دۆلىتىنىڭ ئىران بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تېررورنى قوللاشنى، پالاكەت ۋە ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلىش سىياسەتلىرىنى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىڭلار. ئاممىۋى قىرغۇچى قوراللار ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانلىرىڭلارنى كېڭەيتىشنى توختىتىڭلار. تېررورنى قوللىغۇچى ئىسيانچى بىر دۆلەتتەك ئەمەس، نورمال بىر دۆلەتتەك ھەرىكەت قىلىڭلار. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىران بىلەن يەمەن توغرىسىدا سۆزلەشمىدى، ھەم سۆزلەشمەيدۇ. يەمەن پۈتكۈل قاتلاملىرى بىلەن بىرلىكتە يەمەنلىكلەرنىڭ ئىشىدۇر. يەمەن كىرىزىسىنىڭ سەۋەبى ئىراننىڭ ئوينىغان رولىدۇر. ئىران تۈزۈمىنىڭ يەمەندە بولۇشىنى خالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى نەرسىسى تىنچلىق ۋە سۈكۈناتتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىران دائىرىلىرى ئادىل ئەلجۇبەير بۇ سۆزلىرىگە قارىتا ھازىرغىچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى «ئەلجەزىرە» قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئىران پارلامېنتى باشلىقى ئەلى لارىجانى، «بىز (سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى) بىن سەلماننىڭ تېھران بىلەن بولغان ئىختىلاپلىرىنى دىيالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى مەزمۇن قىلغان سۆزلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئىراننىڭ ئىشىكلىرى ئوچۇقتۇر» دېگەنىدى.

ئىران ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئەلى رەبىئىي دۈشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رايوندىكى دۆلەت رەھبەرلىرىدىن بىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېھران دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈرگەنلىكىنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پوزىتسىيەسىگە سەمىمىي ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن تەقدىردە، تېھراننىڭ ئۇچرىشىش تەلىپىگە قىزغىن قارايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر