خوڭكوڭدا ئولتۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا يۈزلەرچە ئوقۇغۇچى ئولتۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزدى.

1280332
خوڭكوڭدا ئولتۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، قارا كىيىملەرنى كىيىۋالغان ئوقۇغۇچىلار 18 ياشلىق بىر نامايىشچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن يارىلاندۇرۇلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئولتۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزدى، ھەمدە ساقچىلارغا قارشى شوئارلارنى توۋلاپ، ۋەقەنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خوڭكوڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مەزكۇر ئوقۇغۇچىغا ئوق چىقارغان ساقچىنىڭ «ئۆلۈپ قالغانمىدۇ» دەپ ئەندىشە قىلىپ، قورقۇپ كەتكەنلىكى، نامايىشچى ساقچىغا يېقىنلاشقانلىقى ئۈچۈن، ساقچىنىڭ ئۇنىڭغا  يېقىن ئارىلىقتىن ئوق چىقىرىشىنىڭ «قانۇنلۇق» ئىكەنلىكى  بىلدۈرۈلدى.

ئالاقىدار تارماقلار تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ساقچىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 18 تاشلىق بىر نامايىشچىنىڭ مۈرىسىدىن يارىلانغانلىقىنى، كېيىن ئۇنىڭ دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر يارىدارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر