ئىران خىتايغا نېفىت سودىسىدا ئالاھىدە ئىمتىياز بەردىمۇ؟

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف خىتايغا نېفىت سودىسىدا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنى «يالغان» دېدى.

1278663
ئىران خىتايغا نېفىت سودىسىدا ئالاھىدە ئىمتىياز بەردىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «IRNA» نىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، جەۋاد زارىف خىتايغا نېفىت باھاسىنى ئالاھىدە تۆۋەنلىتىپ بەرگەنلىكى ۋە پۇلىنىمۇ ئۇزۇن مەزگىلدە تۆلىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف: «خىتاي بىلەن تۈزگەن 25 يىللىق ئىستىرتېگىيەلىك كېلىشىم ئىراننىڭ تەكلىپى ئىدى. بۇ كېلىشىم ئۈستىدە خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە. تېخىچە بىرەر ماددىسى يوق تۇرسا، پايدىسى قانداق بولسۇن؟» دېدى.

ئەنگلىيەنىڭ نېفىت ئىقتىساد خەۋەرلەر تورى، ئىران بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 2016 - يىلىدا تۈزۈلگەن 25 يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك كېلىشىمدە، خىتايغا يۇەن بىلەن ئەرزان باھالىق نېفىت سېتىپ بېرىدىغان ۋە پۇلى ئۇزۇن مەزگىلدە تۆلىنىدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازلارنىڭ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر