فىرانسىيە باش مىنىستىرى ئسىلامغا قارشى قىلىنغان سۆزلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى

فىرانسىيە باش مىنىستىرى ئېدۋارد فىلىپ، ئاشقۇن ئوڭچىلارنىڭ بىر يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلامغا قارشى سۆزلەرنىڭ «ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدىغانلىقى»نى ئېيتتى.

1278477
فىرانسىيە باش مىنىستىرى ئسىلامغا قارشى قىلىنغان سۆزلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاشقۇن ئوڭچىلارنىڭ يىغىنىدىكى مۇسۇلمانلارنى بىۋاسىتە ھالدا ھۇجۇم ئوبېيكتى قىلغان باياناتلارنىڭ «ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن فىلىپ، بۇ سۆزلەرنىڭ فىرانسىيەنىڭ قىممەت – قاراشلىرىغىمۇ زىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر يىغىننىڭ ئىشتىراكچىلىرىدىن يازغۇچى ئېرىك زېممور، «كۆچ مەسىلىلىرى ئىسلام بىلەن بىرلىكتە ئېغىرلاشماقتا. ياش فىرانسۇزلار ئەجدادلىرىنىڭ زېمىنلىرىدا ئاز سانلىق سۈپىتىدە ياشاشنى قوبۇل قىلامدۇ؟ ئەگەر قوبۇل قىلىدىغان بولسا، ئۇلار سۈمۈرۈلۈشكە لايىقتۇر، ئەگەر قوبۇل قىلمايدىغان بولسا، قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ» دېدى.

بېزىئېرس شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى روبېرت مېنارد بولسا، فىرانسىيەدە ئىسلام ھۆكۈمران بولغان تەقدىردە، كوچىلاردا ئاياللارنىڭ قالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

سىياسەتچى مارىئون مارېچال لې پېنمۇ سۆزىدە، فىرانسۇز يازغۇچى رېناۋد كامۇسنىڭ ياۋروپانىڭ كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنىدىغانلىقى قارىشىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر