ئافغانىستاندا سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئافغانىستان خەلقى ئەتە (2019-يىلى 28-سېنتەبىر) تالىباننىڭ ھۇجۇمى ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆتىنچى قېتىملىق سايلامدا بېلەت تاشلايدۇ.

1277431
ئافغانىستاندا سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان خەلقى تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۆتىنچى قېتىملىق سايلامدا يېڭى پىرېزىدېنتنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلايدۇ. تەخمىنەن 13 مىليون سايلىغۇچى بار ئافغانىستاندا، 9 مىليون 600 مىڭ كىشى بېلەت تاشلاش ئۈچۈن ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇردى.

ئافغانىستان ئەركىن ۋە ئادىل سايلام ۋەخپى تەييارلىغان يېڭى دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامغا تىزىملاتقان كىشىلەرنىڭ يېرىمىنىڭ قاتناشماسلىقى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، سانى ئىنتايىن كۆپ بولغان دۆلەت ئىچىدىكى مۇساپىرلارنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقى يوق ئىكەن.

2014-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا 8 مىليوندىن ئارتۇق كىشى بېلەت تاشلىغان ئىدى.

ئافغانىستاندا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن ھازىرقى پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنى بىلەن ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ، 15 نامزاتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

پەشتۇ مىللىتىدىن بولغان ئەشرەف غېنى، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ۋە ھازار رەھبەرلىرىدىن بولغان سەرۋەس دانىش، تاجىك مىللىتىدىن بولغان ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئەمرۇللاھ سالىھ ۋە ئافغانىستان تۈركلىرىنىڭ ۋەكىلى بولغان سودىگەر مۇھەممەد يۇسۇف تۆت تەرەپ بولۇپ سايلامغا قاتنىشىدۇ.

ئەشرەف غېنى بىلەن ئابدۇللاھ ئابدۇللاھنىڭ رەقىپلىرى ئارىسىدا سابىق باش مىنىستىرلاردىن گۈلبەددىن ھىكمەتيار بىلەن ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى رەھمەتۇللاھ نەبىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئافغانىستاندىكى ئىسمائىلىيەلەر، ئۆزبېك مىللىتىدىن بولغان بىرىنچى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت راشىد دوستۇم، ھازار رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد مۇھاككىك ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەلاھۇددىن راببانىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن تاجىك مىللىتىدىن بولغان ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولماقتا.

2014-يىلى ئىككىنچى سايلامغا قالغان ئەشرەف غېنى ۋە ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ھاكىمىيەتنى بۆلۈشۈش ۋە مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى قۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر