جېفرېي تۈركىيە بىلەن سۆزلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى

ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمېس جېفرېي سۈرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ دۆلىتىگە قايتىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى تۈركىيە بىلەن سۆزلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1277331
جېفرېي تۈركىيە بىلەن سۆزلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمېس جېفرېي نىيۇ يوركتا سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەربىي جەھەتتىن غەلىبە قىلىشنى نىشان قىلغانلىقىنى، بىراق بېسىم ئاستىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ۋە مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «بۇ سىمۋوللۇق، شۇڭا بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا تەسىس قىلىشنى پىلان قىلغان بىخەتەر رايون ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە بىلەن خېلى ۋاقىتتىن بېرى بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز. تۈركىيە بىلەن مۇنبىچ مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تىرىشتۇق. چۈنكى تۈركىيە 1984-يىلىدىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك سەۋەبىدىن مىڭلارچە كىشىنى يوقىتىپ قويدى. تۈركىيەنىڭ پ ك ك بىلەن مۇناسىۋىتى بار كۈچلەر مەسىلىسىدە يوللۇق ئەندىشەلىرى بار. تۈركىيەنىڭ ئەلۋەتتە ھەربىي نۇقتىدىن تاللاش يولى بار. ئافرىندا، جەرابلۇستا ۋە ئەلبابتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى. »

ئۇ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا بىخەتەرلىكنى ۋە مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، دائېشقا قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە تۈركىيەنىڭ ھەمدە يەرلىك كۈچلەرنىڭ ئەندىشەلىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، بارلىق تەرەپلەر بىلەن بىخەتەر رايون مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «ئىككى ھەپتە ئىچىدە بىخەتەر رايوندىن نەتىجە چىقمىسا، ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكەت پىلانىمىزنى ئىجرا قىلىمىز» دېگەن باياناتى توغرىسىدا سورالغان سوئالغا: «تۈركىيە بىلەن سىياسىي مۇناسىۋەتكە ئىگە ھەربىي كېلىشىمىمىز بار. مۇساپىرلارنىڭ قايتىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا تەييارمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ مۇنبىچ توغرىسىدا تۈركىيە بىلەن ئوخشىمىغان كېلىشىملەرنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇنىڭ مۇساپىرلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر