ئامېرىكا خىتاي شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بىلىپ تۇرۇپ ئىراندىن نېفىت سېتىۋىلىشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە بۇ ئارقىلىق ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى ئاياق – ئاستى قىلغان خىتاينىڭ بىر قانچىلىغان شىركەتلىرى ۋە پۇقرالىرىغا قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكار

1276339
ئامېرىكا خىتاي شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بىلىپ تۇرۇپ ئىراندىن نېفىت سېتىۋىلىشنى داۋاملاشتۇرغان بەزى خىتاي شىركەتلىرىگە ۋە خىتاي پۇقرالىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ماقۇللىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مايك پومپېئو نىيۇ يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يادرولۇق ئىرانغا قارشى بىرلىك» تېمىلىق كونفېرانستا يېڭى ئېمبارگولارنى ئېلان قىلدى.

مايك پومپېئو بىلىپ تۇرۇپ ئىراندىن نېفىت سېتىۋىلىشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە بۇ ئارقىلىق ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى ئاياق ئاستى قىلغان خىتاينىڭ «Cosco Shipping Tanker Co» ۋە «China Concord Petroleum Co» قاتارلىق بىر قانچە شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ماقۇللىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مايك پومپېئو ئىراننىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان رايوندا ۋەيران قىلغۇچ ھەرىكەتلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئىرانغا قارشى بىرلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

مايك پومپېئو بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بەزى خىتاي پۇقرالىرىدىن باشقا يەنە، ختاينىڭ «Cosco Shipping Tanker Co»، «China Concord Petroleum Co»، «Kunlun Holding Company»، «Kunlun Shipping Company» ۋە «Pegasus 88 Limited» ناملىق شىركەتلىرىگىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، «ئىران مۇشۇنداق داۋاملىشىدىغانلا بولسا، ئىرانغا قارشى ئېمبارگولار تېخىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ» دەپ سېگنال بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر