مالىدا نېفىت ئاپتوموبىلى پارتلاپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
مالىدا نېفىت ئاپتوموبىلىنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن پارتلىشى نەتىجىسىدە 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1276176
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پايتەخت باماكودا ئەتراپتىكىلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن نېفىت ئاپتوموبىلىنى تۇرغۇزۇشقا تىرىشىۋاتقاندا پارتلىغان، پارتلاشتا 7 ئادەم قازا قىلغان، 46 ئادەم يارىلانغان. يارىدارلار پايتەختتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ۋەقەدىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى ئىش ئورۇنلىرىغا يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.