ماكرون: خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكالىشىشى زۆرۈر

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە كۆرۈشتى.

1275279
ماكرون: خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكالىشىشى زۆرۈر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى دائىرىسىدە، رۇھانى بىلەن ماكرون نىيۇ يوركتا ئۆزئار مۇناسۋەتلەر، رايوندىكى سەزگۈر مەسىلىلەر ۋە ئىراننىڭ باسرا قولتۇقى ئۈچۈن تەييارلىغان «ھۇرمۇز تىنچلىق ھەرىكىتى» پىلانىنى مۇزاكىرىلەشكەن.

رۇھانى ئامېرىكا چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنمۇ يادرو كېلىشىمدىن ئايرىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر خەلق ئارالىق كېلىشىمنى قوغداش جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى تەكىتلىگەن.

رۇھانى يەنە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ «سەئۇدى ئارامكو» زاۋۇتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە ئىراننى ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتقا نارازىلىق بىلدۈرگەن. 

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون رۇھانىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەييارلىغان پىلانىغا ئىجابى قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماكرون يادرو كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ كۆرسەتكەن تىرشچانلىقىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر