دونالد ترامپ: كىم جوڭئۇن بىلەن ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋىتىمىز بار

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا شىمالىي كورېيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ۋە يېڭى ئېمبارگولارنى ئويلاشمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1275112
دونالد ترامپ: كىم جوڭئۇن بىلەن ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋىتىمىز بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن نىيۇ يوركقا يېتىپ كەلگەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن بىلەن كۆرۈشتى.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇناسىۋەت بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ بىر سوئالغا جاۋابەن، شىمالىي كورېيەگە يېڭى ئېمبارولارنى قويۇشنى ياكى شىمالىي كورېيەنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغان بىرەر قەدەمنى تاشلاشنى ئويلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «كىم جوڭئۇن بىلەن ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋىتىمىز بار. بەلكى بۇ باسقۇچتىن كېيىن ئۇلار بىلەن يېڭى بىر كېلىشىم تۈزىشىمىز ياكى تۈرمەزسلىكىمىزمۇ مۇمكىن. بىراق ھازىر مۇناسىۋىتىمىز ياخشى» دېدى. 

دونالد ترامپ كىم جوڭئۇن بىلەن 2 قېتىم نەتىجىلىك ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ھەممەيلەن 3قېتىملىق ئۇچرىشىشنى تىلغا ئېلىشماقتا. ئىنسانلار شۇنداق بولغانلىقىنى (3ئۆچرىشىشنى) كۆرۈشنى خالىماقتا. نېمىلەر بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. لېكىن مەن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ئۇچرىشىشتىن نېمە چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈشنى خالايمەن» دېدى.

دونالد ترامپ جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاكىندا ئاردېرن ۋە سىنگاپور باش مىنىستىرى لې خىسېن لوڭ بىلەنمۇ ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن ئىدى.

دونالد ترامپ جاكىندا ئاردېرن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، يېڭى زېلاندىيەدە مارت ئېيىدا يۈز بەرگەن جامى ھۇجۇمىدىن قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى ۋە يېڭى زېلاندىيەنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر