ئىران توختىتىپ قويۇلغان ئەنگلىيە نېفىت پاراخوتىنى يېقىندا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىراننىڭ ھۇرمۇزگان ئۆلكىلىك دېڭىزچىلىق ۋە پورت ئىشلىرى باش مودىرى مۇراد ئافىفىپۇر، «ستېنا ئىمپېرو» ناملىق ئەنگلىيە نېفىت پاراخوتىنى پات يېقىندا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1274757
ئىران توختىتىپ قويۇلغان ئەنگلىيە نېفىت پاراخوتىنى يېقىندا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇراد ئافىفىپۇر ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە بايانات بېرىپ، نېفىت پاراخوتىنى قويۇۋېتىش قارار قىلىنغاندىن كېيىن، 65 كۈندىن بۇيان ئىران دېڭىز ساھىلىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان «ستېنا ئىمپېرو» نىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىگە قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، سوت مەھكىمىسىنىڭ، ئەنگلىيە نېفىت پاراخوتىنىڭ ئىران دېڭىز تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشىگە، شۇنداقلا دېڭىزچىلىق بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىشىغا دائىر ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، قارارنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەنگلىيەگە قاراشلىق جەبەلىتارىق ئاپتونوم دائىرىلىرى، 4 – ئىيۇلدا سۈرىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىراننىڭ بىر نېفىت پاراخوتىنى توختىتىپ قويغاندىن كېيىن، ئىرانلىق ئەمەلدارلار، نېفىت پاراخوتىنى قويۇۋېتىشىنى، ئەكسىچە بولغاندا ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى، 19 – ئىيۇلدا ئەنگلىيە بايرىقى قادالغان «ستېنا ئىمپېرو» ناملىق نېفىت پاراخوتىنى ھۇرمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈۋاتقان ئەسنادا «دېڭىزچىلىق بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلمىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ توختىتىپ قويغانىدى.

جەبەلىتارىق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، 15 – ئاۋغۇستتا ئىران نېفىت پاراخوتىنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر