ترامپ ب د ت يىغىنىدا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇ يوركتا چاقىرىلىدىغان ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشىدۇ.

1273683
ترامپ ب د ت يىغىنىدا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كېلەر ھەپتە نىيۇ يوركتا چاقىرىلىدىغان 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە، پاكىستان، پولشا، سىنگاپور، جەنۇبىي كورېيە، ھىندىستان، ياپونىيە، ئۇكرائىنا، ئەلسسالۋادور، مىسىر، ئىراق، ئەنگلىيە،  ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشىدىكەن. يەكشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  باش مەركىزىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان «يەر شارى خاراكتېرلىك دىنىي ئەركىنلىكلەرنى قوغداش چاقىرىقى» تېمىلىق پائالىيەتتە سۆز قىلىدىكەن. سەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس تەرىپىدىن بېرىلىدىغان چۈشلۈك تاماق زىياپىتىگە قاتنىشىدىكەن، شۇ كۈنى كەچتە دىپلوماتىك بىر زىياپەتكە ساھىبخانىلىق قىلىدىكەن. چارشەنبە كۈنى غەربىي يېرىم شار ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە « ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسى» تېمىلىق يىغىنغا قاتنىشىدىكەن. شۇ كۈنى كەچتە نىيۇ يوركتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر