«ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن خىتاينى جېدەلگە سېلىشقا ئۇرۇنماقتا»

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكانىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاينى جېدەلگە سېلىش ئۈچۈن ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1273381
«ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن خىتاينى جېدەلگە سېلىشقا ئۇرۇنماقتا»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىر رۇسىيە ژۇرنىلىغا يازغان ماقالىسىدا، ئېمبارگولارنى ۋە دوللارنىڭ سالاھىيىتىنى يامان مەقسەتلەرگە ئىشلىتىشنىڭ ئىقتىسادتا قائىدىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكانىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنى رۇسىيەگە قارشى ئىشلىتىش تىرىشچانلىقىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن لاۋروۋ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شېرىكلىرىنى تەرسالىق بىلەن رۇسىيە ۋە خىتاينى بىر بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

سېرگېي لاۋروۋ: «ياۋروئاسىيا ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۆز كونتىروللۇقى سىرتىدا تەرەققىي قىلغان كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەرنى ۋە رايوننىڭ ماسلىشىشچان قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش شۇنداقلا يىلتىزىغا پالتا ئۇرۇشنى خالاۋاتقان ئامېرىكا، رۇسىيە بىلەن خىتاينى چېدەلگە ئىتتىرىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ يوشۇرمايدۇ» دېدى.

سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو كۈچلەر كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىپ، يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ساھەسىدىكى بارلىق كېلىشىملەرنى خەۋپكە ئىتتىرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكانىڭ ئالەم بوشلۇقىغا قورال ئورۇنلاشتۇرۇشنىمۇ باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر