تىۋىتتېر جەمال قاشىقجى جىنايىتىنىڭ گۇماندارلىرىنىڭ ھېسابلىرىنى توڭلاتتى

ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبىرى تىۋىتتېر، سەئۇدى ئەربىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتىدە ئاچقۇچلۇق رولى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سۇئۇد ئەل كەھتانىنىڭ ھېسابى قاتارلىق نۇرغۇن ساندا ھېسابنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1273502
تىۋىتتېر جەمال قاشىقجى جىنايىتىنىڭ گۇماندارلىرىنىڭ ھېسابلىرىنى توڭلاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىۋىتتېر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى ۋە مىسىر مەركەزلىك 267 ھېسابنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

توڭلىتىلغان ھېسابلارنىڭ بىر قىسىمىنىڭ سەئۇدى ئەربىستان دۆلەت مېدىياسىغا چېتىشلىق ۋاستىچىلەر ئىكەنلىكى، يەنە بىر قىسمىنىڭ بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنى قوللاپ ئۇچۇر تارقىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

تېۋىتتېر مۇنبىرىنىڭ قائىدە قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن سەئۇدى ئەربىستان تەخت ۋارىسى مۇھەمەد بىن سەلماننىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى كاھتانىنىڭ ھېسابىنىڭمۇ توختىتىپ قويۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

كاھتانىنىڭ 2ئۆكتەبىردە ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۇلگەن ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر