سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىسى: جەمال قاشىقجى جىنايىتى دۆلىتىمىزنىڭ يۈزىدىكى بىر قارا داغ

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خالىد بىن باندار ئال سەئۇد ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتىنىڭ دۆلىتىگە نىسبەتەن بىر قارا داغ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1272812
سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىسى: جەمال قاشىقجى جىنايىتى دۆلىتىمىزنىڭ يۈزىدىكى بىر قارا داغ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئەلچى خالىد بىن باندار ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت قانىلى «BBC» گە بەرگەن باياناتىدا، جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئۈستىدە توختىلىپ، «تەخمىنەن بىر يىل ئىلگىرى ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن ئىشلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا نىسبەتەن شۇنداقلا كۈلتۈرىمىز، خەلقىمىز ۋە ھۆكۈمىتىمىزگە نىسبەتەن بىر قارا داغ بولدى» دېدى.

باش ئەلچى جىنايەت ھەققىدە، «كاشكى ئۇنداق بولمىغان بولسا ئىدى» دېدى

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى توي رەسميەتلىرى ئۈچۈن 2018يىلى 2ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرگىنىدە، ۋەھشىيلەرجە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى تەرىپىدىن ئىيۇن ئېيىدا ئېلان قىلىنغان 101 بەتلىك دوكلاتتا، «جەمال قاشىقجىنى قەستەن ۋە پىلانلىق شەكىلدە ئۆلتۈرۈلىشىگە سەئۇدى ئەرەبىستان جاۋابكار» دەپ جاكارلانغان ئىدى.

دوكلاتتا يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاش ئۈچۈن ئىشەنچلىك پاكىتلارنىڭ بارلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.

دوكلاتتا، جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە دائىر تولۇقلىما خاراكتېرلىق جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈلىشىنىڭ باشلىتىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتتېررېسقا چاقىرىق ئېلان قىلىنغان ۋە قاشىقجى جىنايىتىگە ئالاقىدار ئېمبارگولارنىڭ تەخت ۋارىسى ۋە ئۇنىڭ چەت ئەللەردىكى مال مۈلۈكلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر