رۇسىيەدىكى پارتلاشتا ۋىرۇس ئېقىپ كەتكەنلىكى ئىلىگىرى سۈرۈلدى

رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى بىر ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا ۋىرۇس ئېقىپ چىقىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

1272690
رۇسىيەدىكى پارتلاشتا ۋىرۇس ئېقىپ كەتكەنلىكى ئىلىگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، نوۋوسىبىرسىك رايونىغا قاراشلىق كولتسوۋو شەھىرىدىكى ۋېكتور دۆلەتلىك ۋىرولوجى ۋە بىئو تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىدە قۇرۇلۇش ئەسناسىىدا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

پارتلاش سەۋەبى تېخىچە ئېىقلانمىغان بولۇپ، رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشىلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دۇنيادا ئېبولا، ۋابا ۋە چىچەك كېسەللىكلىرى ۋىرۇسى ساقلىنىۋاتقان ئەڭ نادىر مۇئەسسىسەلەردىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر تەتقىقات مەركىزىدىكى پارتلاشتا، ۋىرۇس ئېقىپ چىقىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيەلىك ئالاقىدار مەسئۇللار ھاياتى خەۋپ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

كولتسوۋو شەھىرىگە جايلاشقان ۋېكتور دۆلەتلىك ۋىرولوجى ۋە بىئو تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىدە ئۈچ كۈن ئىلگىرى يۈز بەرگەن پارتلاشتا 1 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #رۇسىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر