ترامپ: دۆلىتىمىز دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار قورال سىستېمىسىغا ئىگە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى – سائۇدى ئارامكو قارمىقىدىكى ئىككى نېفىت چەككىلەش ئورنىغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم توختالدى.

1271268
ترامپ: دۆلىتىمىز دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار قورال سىستېمىسىغا ئىگە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى – سائۇدى ئارامكو قارمىقىدىكى ئىككى نېفىت چەككىلەش ئورنىغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا توختىلىپ، دۆلىتىنىڭ ئىرانغا قىلغۇسى ھەربىي ھۇجۇمىنىڭ مۇۋازىنەتلىك بىر ئىنكاس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ، نيۇ مېكسىكو ئىشتاتىغا قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئاقساراينىڭ باغچىسىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى؛ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى – سائۇدى ئارامكوغا قاراشلىق ئورۇنلارغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا ئىراننىڭ بار – يوقلۇقى مەسىلىسىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كەسكىن نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ترامپ، «ئۇنىڭدىن كېيىن نېمە قىلىدىغانلىقىمىزغا قارار قىلىمىز» دېدى.

ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى نېفىت چەككىلەش ئورۇنلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئىنتىقامى سۈپىتىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا ھەربىي ھۇجۇم قىلىشىنىڭ مۇۋازىنەتلىك بولۇپ – بولمايدىغانلىقىغا دائىر بىر سوئالغا «مۇۋازىنەتلىك بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بۇ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىم <ھەئە>» دەپ جاۋاب بەردى.

دونالد ترامپ، ئارامكوغا قىلىنغان ھۇجۇملار سەۋەب بولغان نېفىت باھاسىدىكى ئۆرلەشنىڭ ئامېرىكىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ جەرياندا ترامپ، بەھرەيىن تەخت ۋارىسى شاھزادىسى سەلمان بىن ھەمەد ئال خەلىفە بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، بىراق دۆلىتىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا ئوخشاش ئەڭ ياخشى قورال سىستېمىلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇرۇشقا تارىختىكى ھېچقانداق دۆلەتتە كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تەييار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىران بىلەن بارلىق دىپلوماتىيە يوللىرىنىڭ ئاخىرلىشىپ – ئاخىرلاشمىغانلىقىغا دائىر بىر سوئالغا «ياق، دىپلوماتىيە قەتئىي ئاخىرلاشمايدۇ.  نېمە بولىدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ بىلگىلى بولمايدۇ. بىر كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلىمەن. بىر نۇقتىدا بۇ ئىشقا يارايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر