رۇسىيە «ئارامكو ھۇجۇمى» توغرىسىدا ئالدىراپ يەكۈن چىقارماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلىي نېبېنزىئا، ئارامكوغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىرى توغرىسىدا يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈن ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1271060
رۇسىيە «ئارامكو ھۇجۇمى» توغرىسىدا ئالدىراپ يەكۈن چىقارماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلىي نېبېنزىئا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى – سائۇدى ئارامكوغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىرى توغرىسىدا بىر – بىرىگە زىت باياناتلارنىڭ بارلىقىنى، يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈن ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىكى نۆۋەتچى باشلىقى رۇس باش ئەلچى ۋاسسىلىي نېبېنزىئا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئارامكو شىركىتىگە قاراشلىق ئورۇنلارغا قىلىنغان ھۇجۇملار توغرىسىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى؛ ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا ئىراننىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى باياناتى ھەققىدە توختىلىپ، «دەرھال خۇلاسە چىقارمايلى، بىر – بىرىگە زىت باياناتلار بار. ئەنسارۇللاھ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، <جاۋابكار ئىران دەۋاتىدۇ>. قولىمىزدا روشەن بىر كارتىنا يوق» دېدى.

ۋاسسىلىي نېبېنزىئا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «قوراللىرىمىزنى بەتلەپ، جەزملەشتۈرۈشنى كۈتۈپ تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتىمىز.» دېگەن سۆزىگە دائىر بىر سوئالغا «بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ تېخىمۇ ئېغىر توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلىمىز. پارس قولتۇقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەتكۈدەك مەسىلە بار. چوڭ بىر توقۇنۇش چوقۇم پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركىتى – سائۇدى ئارامكو قارمىقىدىكى ئىككى نېفىت چەككىلەش ئورنىدا شەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 04:00 تە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنىدى.

ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش كۆرۈلمىگەن ۋەقەدىن كېيىن ھېچقانداق تەرەپ ئەيىبلەنمىگەن بولسىمۇ، يەمەندىكى ھۇسىيلار يازما بايانات ئېلان قىلىپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغانىدى.

ئىراننىڭ ھىمايىسىدىكى يەمەنلىك ھۇسىيلار، يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپىنچىسى سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن ھاۋادىكى چېغىدىلا پاچاقلاپ تاشلانغان ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بەزى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر