خوڭكوڭ ۋالىيسى خوڭكوڭنىڭ ئېتىبارىنى قايتىدىن تىكلەشكە ياردەمچى بولۇش تەكلىپىنى رەت قىلدى

خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋالىيسى كاررې لام خەلقئارا مۇناسىۋەت شىركەتلىرىنىڭ «ھۆكۈمەت خوڭكوڭنىڭ ئېتىبارىنى قايتىدىن تىكلىيەلىشىگە ياردەمچى بولۇشى لازىم» دېگەن تەلەپنى رەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1270922
خوڭكوڭ ۋالىيسى خوڭكوڭنىڭ ئېتىبارىنى قايتىدىن تىكلەشكە ياردەمچى بولۇش تەكلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن تەكلىپىگە قارشى نامايىشلار 15ھەپتىسىگە قەدەم قوزيغاندا، ۋالىي كاررىي لام مۇخبىرلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، خەلقئارا مۇناسىۋەت شىركەتلىرىنىڭ «ھۆكۈمەت خوڭكوڭنىڭ ئېتىبارىنى قايتىدىن تىكلىيەلىشىگە ياردەمچى بولۇشى لازىم» دېگەن تەلەپنى سۇنغانلىقىنى، بىراق ئۇلارغا «ھازىر توغرا  ۋاقتى ئەمەس» دەپ جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

كاررىي لام شىركەتلەرنىڭ ئىسىملىرى ياكى بۇ شىركەتلەر بىلەن قاچان كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. 

كاررىي لام: «خوڭكوڭنىڭ ئېتىبارىنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن بىرەر سەپەرۋەرلىكنى باشلاشقا ھۆكۈمەتنىڭ مەنبەلىرىنى ئىشلىتىش چېقىمى ئەڭ تۆۋەن يول بولماسلىقى مۇمكىن، بىراق ھامام بىر كۈنى بۇنى قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز. چۈنكى خوڭكوڭنىڭ ئاساسلىرىغا تۇلۇق ئىشەنچىم بار. خوڭكوڭنىڭ ئېتىبارىغا سېلىنغان زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن چوڭ بىر سەپەرۋەرلىك باشلاشنىڭ ۋاقتى يېقىندا كېلىدۇ» دېدى. 

كاررىي لام كېلەر ھەپتە نامايىشچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقنىڭ ھەر قايسى پىرقە ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچۇق دىيالوگنى باشلايدىغانلىقىنى ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خوڭكوڭدا نامايىشلارغا سەۋەب بولغان تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن تەكلىپى ئاپېرىل ئېيىدا پارلامېنتقا سۇنۇلغان، بىراق نامايىشلار ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئىيۇل ئېيىدا كاررې لام قانۇن تەكلىپىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 

بىراق كاررې لازىمنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەن خەلق نامايشىلىرىنى داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئاخىرى 4سىنتەبىردە قانۇن تەكلىپىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىغانلىقىنى جاكارلاپ، «ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئەندىشىلىرىنى پەس كۆيغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن قانۇن تەكلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان بولدى» دېگەن باياناتنى ئېلان قىلغان ئىدى. 

نامايىشچىلار قانۇن تەكلىپىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىدىن باشقا يەنە، نامايىشچىلارغا زوراۋنلىق قىلغان ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈلىشى ئۈچۈن مۇستەقىل كومېتىت قۇرۇلىشى لازىملىقىنى، تۇتقۇن قىلىنغان نامايىشچىلارغا ئومۇمىي يۈزلۈك كەچۈرۈم ئېلان قىلىنىشى، نامايىشلارنى «ئىسيان» دەپ ئاتاشنى توختىتىش ۋە يېڭىدىن سىياسىي ئىسلاھات باشلىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەب قىلماقتا.

بۇ جەرياندا پات پات ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچى گۇرۇپپىلار بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى گۇرۇپىلار ئوتتۇرىسدىمۇ توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر