رىياد: ئارامكو شىركىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاقىتلىق توختاتتۇق

سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى شاھزادە ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان، «سائۇدى ئارامكو» غا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن قىلىنغان تۈنۈگۈنكى ھۇجۇملار سەۋەبىدىن نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1269656
رىياد: ئارامكو شىركىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاقىتلىق توختاتتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى شاھزادە ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان، سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت شىركىتى «سائۇدى ئارامكو» غا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن قىلىنغان تۈنۈگۈنكى ھۇجۇملار سەۋەبىدىن نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى شاھزادە ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپا تەرىپىدىن تارقىتىلغان باياناتىدا، سائۇدى ئارامكو قارمىقىدىكى بىقايق ۋە ھىرايس نېفىت مۇئەسسەسەلىرىدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىش كەمچىلىكىنىڭ زاپاس نېفىت ئارقىلىق تولدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىن سەلمان، دەسلەپكى مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، ھۇجۇم پەيدا قىلغان پارتلاشلارنىڭ 5 مىليون 700 مىڭ ۋارىل (شىركەتنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەخمىنەن %50 ى) خام نېفىت بىلەن تەمىنلەشنىڭ توختاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە 2 مىليارد ۋارىل كۈپ ھالىتىدىكى نېفىت گازى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ توختاپ كېتىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، بۇنىڭ باشقا تەبىئىي مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنىڭ %50 ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمنىڭ ئىچكى بازاردا نېفىت قىسلىقى پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر بىن سەلمان، شىركەتتە كۆرۈلگەن ماددىي زىياننى ئېنىقلاپ چىقىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مىللىي نېفىت شىركىتى «سائۇدى ئارامكو» نىڭ ئىككى زاۋاتى تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 04:00 تە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ھۇجۇمدىن كېيىن زاۋۇتتا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن قىلىنغان ھۇجۇملاردىن كېيىن ھېچقانداق تەرەپ ئوچۇق – ئاشكارا ئەيىبلەنمىگەن بولسىمۇ، يەمەندىكى ھۇسىيلار يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ سادىر قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر