فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر ماكرون ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر، نامايىشلارنىڭ 44 – ھەپتىسىدە پىرېزىدېنت ئېمانۇئېل ماكرون ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن تۈنۈگۈن قايتىدىن كوچىلارغا چىقتى.

1269638
فىرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر ماكرون ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىلغۇ باھالىرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە ناچار ئىقتىسادىي شارائىتقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ باشلانغان بولسىمۇ، كېيىنچە ماكرون ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلارغا ئايلىنىپ كەتكەن سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى داۋام قىلماقتا.

پارىژنىڭ ئوخشاش بولمىغان كوچىلىرىدا لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغان نامايىشچىلار، ماكرون ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

بىر تۈركۈم كىشىلەر ئورلي ئايرودۇرۇمىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

نانتېستىكى نامايىش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى. نامايىشچىلار نۇرغۇن ماگزىننىڭ ئەينەكلىرىنى سۇندۇرۇۋەتتى.

ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلغانلىقى، 42 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، 4 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ليوندىكى نامايىشتا بولسا، 9 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

مونتپېللىئېر،تولۇس، مارسىلىيا ۋە بوردېئاۋكسقا ئوخشاش شەھەرلەردىمۇ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.

سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 2018 – يىلى 17 – نويابىردىن بۇيان داۋام قىلماقتا.

نامايىشلاردا ھازىرغىچە 11 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 1797 نەپىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي 4245 ئادەم يارىلاندى، 12107 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر