ئافرىندا ئاپتوموبىل بومبا پارتلىدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئافرىن ناھىيە مەركىزىدە ئاپتوموبىل بومبا پارتلاپ 13 كىشى يارىلاندى.

1268865
ئافرىندا ئاپتوموبىل بومبا پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىننىڭ ناھىيە مەركىزىدە كىشىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپتوموبىل پارتلىدى.

پارتلاش جۈمە نامىزىدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بولۇپ، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 كىشى يارىلانغان. يارىلانغانلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. پارتلاشنىڭ تەسىرىدە ئەتراپتىكى بىنالار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن يەرلىك خەۋپسىزلىك تارماقلىرى، ھۇجۇمنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك تەرىپىدىن قىلىنغان بولۇش مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا.

ئافرىن ناھىيە مەركىزىدە 2019-يىلى 8-ئاۋغۇستتىمۇ بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر موتوسىكلىت پارتلاپ، ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، توققۇز كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر