ئىران نېتانياھۇنىڭ ئىيوردان ۋادىسى توغرىسىدىكى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئىيوردان ۋادىسىنى ئىسرائىلىيەگە قوشۇۋالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1268145
ئىران نېتانياھۇنىڭ ئىيوردان ۋادىسى توغرىسىدىكى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئابباس مۇسەۋى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، نېتانياھۇنىڭ 17 – سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان ئومۇمىي سايلامدا غەلىبە قىلىپ قالسا، غەربىي قىرغاقتىكى ئىيوردان ۋادىسى بىلەن قانۇنسىز يەھۇدىي مەھەللىلىرىنى ئىسرائىلىيەگە قوشۇۋالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇ، ئىراننىڭ نېتانياھۇنىڭ باياناتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇسەۋى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئىسرائىلىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە بۇنىڭ ئىسرائىلىيەگە سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىۋېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مىنىستىرلىق باياناتچىسى يەنە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك 15 – سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان يىغىنى توغرىسىدا توختىلىپ، ئىراننىڭ، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى زۇلۇم ۋە كېڭەيمىچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدىكى ھەرقانداق قەدىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ 17 – سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان ئومۇمىي سايلامدىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، قايتا سايلىنىپ قالغان تەقدىردە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئىيوردان ۋادىسىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى بىلەن ماسلاشقان ھالدا ئىسرائىلىيەگە قوشۇۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر