رۇسىيە قىسىملىرى  سۈرىيەدە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قوللىغۇچىسى رۇسىيەنىڭ ئىدلىبتىكى پۇقراۋى ئولتۇراق مەھەللىلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1267628
رۇسىيە قىسىملىرى  سۈرىيەدە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى ھەربىي ئۆكتىچىلەرگە ئائىت ئايروپىلان كۆزىتىش ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قوللىغۇچىسى رۇسىيەگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئارىدىن 12 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئىدلىبتىكى پۇقراۋى ئولتۇراق مەھەللىلىرىنى، جۈملىدىن ئىدلىبنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دەرقۇش ناھىيەسىگە قاراشلىق داھىر ۋە كەفەر مارېس يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلغان.

ئىدلىب پۇقراۋى قوغدىنىش مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇملاردا بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بەششار ئەسەد كۈچلىرى كەفرەنبىل ناھىيەسى، جەرجەناز رايونى، خاس، ھازارىن، رىقايە، مائار شىمشە، تەل مىننېس، مائار شىمارىن يېزىلىرىنى توپقا تۇتقان.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 2018 – يىلى 17 – سېنتەبىر كۈنى كېلىشىم لايىھەسى  ئىمزالانغاندىن بۇيان، ئىدلىب سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونىدا بەششار ئەسەد كۈچلىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 219 ى ئايال، 341 ى بالا بولۇپ، جەمئىي 1282 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر