ئايال پادىشاھ كېلىشىمسىز ئايرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى

ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى 2 – ئېلىزابىت ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى ماقۇللىدى.

1266871
ئايال پادىشاھ كېلىشىمسىز ئايرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچى پارتىيەلەر ھاكىمىيەت بېشىدىكى مۇھاپىزىكارلار پارتىيەسى ئىچىدىكى ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشى بىلەن پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىشان قىلىنغان قارارنامە تۈنۈگۈن ئايال پادىشاھنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈپ، قانۇنلاشتى.

پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان ئاۋام پالاتاسى ۋە يۇقىرى قانىتى بولغان ئالىي پالاتاسى قارارنامىنى ئۆتكەن ھەپتە تەستىقلىغانىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قارارنامىگە ئاساسەن،  ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 19 – ئۆكتەبىرگىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىم بويىچە ئايرىلالمىسا، ياكى كېلىشىمسىز ئايرىلىش ئۈچۈن پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالالمىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مۇددىتىنى ئۈچ ئاي كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ ئايرىلىشى ئۈچۈن  باشقىچە شەكىلدە مۆھلەت بېرىش تەكلىپىنى سۇنغان تەقدىردە، بۇنى قوبۇل  ياكى رەت قىلىش ھوقۇقى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدە ئەمەس، پارلامېنتتا بولىدىكەن.

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، باش ۋەزىر بورىس جونسون بۇ قانۇننى ئىجرا قىلماسلىق ئۈچۈن تىركىشىشنى ۋە دۆلەتنى 31 – ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىپ چىقىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

جونسون بۇ يولنى تاللىغان تەقدىردە، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە سوتقا ئەرز سۇنۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر