لىۋىيە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۈستىدىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەرز سۇندى
لىۋىيە خەلق ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى دۈشمەنلىك قىلىش ۋە قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەرز سۇندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە خەلق ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ فېسبۇك ھېسابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇھەممەد تاھىر سەيالەنىڭ سۇنغان ئەرزنامىسىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپ ھالدا قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا ياردەم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پايتەختى ئەبۇ دابىنىڭ ھافتېر مىلىتانلىرىنىڭ ترابلۇسقا ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتىدىغان مېدىيا مۇنبىرىگە ئايلاندۇرۇلۇشى ۋە دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تىرابلۇسقا قىلىنغان ھۇجۇمدا ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىقى بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
بۇ ھەقتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.
لىۋىيەدە خەلىفە ھافتېرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى گىريان ھەرىكەت مەركىزى سابىق قوماندانى پولكاۋنىك فەۋزى بۇخارا 27 – ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتىدا، ترابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى گىريان شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ياردەم قىلغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.