ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى
ئىسرائىيەلىيەنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەنىڭ جەنۇبىدا ھاماس تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىننىڭ يەرلىك مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسلامىي قارشىلىق ھەرىكىتى ھاماسقا تەۋە بىر ئەترەت غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ شەھىرىنىڭ شەرقىدە ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن.
خەۋەردە، ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن «quadcopter» تىپىلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ھاماسنىڭ قولغا چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى ئاۋىچاي ئادرې ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئۇچۇقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ غەززەدە چۈشۈرىۋىتىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئادرې غەززەدە كېچىدە چۈشۈرىۋىتىلگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ «Skylark» ماركىلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى قاتارلىق ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەۋە نۇرغۇنلىغان ئۇچقۇچىسز ئايروپىلانلار غەززەدە چۈشۈرىۋىتىلگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيەدە بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى يېنىك يارىلاندى.