جەنۇبىي ئافرىقادا بىر ھەپتىدە 2 جامەگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئۆتكەن چارشەنبە كۈنىمۇ كاتلېھوڭ جامەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا جامەنىڭ بىر قىسمى زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى.

1265940
جەنۇبىي ئافرىقادا بىر ھەپتىدە 2 جامەگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقانىڭ يەرلىك مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جوھاننېسبۇرگ شەھىرىدىكى ھىلبىروۋ رايونىغا جايلاشقان ھىمايەتۇل ئىسلام جامەسىگە شام نامىزىدىن ئىلگىرى كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر مولوتوف (يەنى ئوت بومبىسى) ئېتىپ ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا ھىمايەتۇل ئىسلام جامەسىنىڭ بىر قىسمى زىيانغا ئۇچرىغان.

ھىمايەتۇل ئىسلام جامەسى، جەنۇبىي ئافرىقادا مۇشۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان چەت ئەللىكلەرگە قارشى نامايىش داۋاملىشىۋاتقان رايونغا جايلاشقان بولۇپ، ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمغا دائىر تەكشۈرۈش باشلىغانلىقى ۋە ئىككى گۇماندارنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جوھاننېسبۇرگ شەھىرىدە چارشەنبە كۈنىمۇ كاتلېھوڭ جامەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا جامەنىڭ بىر قىسمى زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر