پاكىستاندا پارتلاش يۈز بەردى
پاكىستاننىڭ كۇۋەيتا شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئىككى قېتىملىق پارتلاش جانغا زامىن بولدى.
1264589
![پاكىستاندا پارتلاش يۈز بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6bc8/ee9c/9ced/5d3c461f3587c.jpg?time=1718363153)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى كۇۋەيتا شەھىرىدىكى بىر ئىش ئورنىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش نەتىجىسىدە بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6 كىشى يارىلانغان. نەق مەيدانغا ساقچىلار ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىدىن كېيىن، ئىككىنچى پارتلاش يۈز بەرگەن. پارتلاشتا ئىككىسى ساقچى، ئىككىسى مۇخبىر بولۇپ، 6 كىشى يارىلانغان. پارتلاشتا يارىلانغانلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.