گىۋاتېمالادا قىسمەن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

گۋاتېمالا ھۆكۈمىتى، 3 ئەسكەرنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن دۆلەتنىڭ بەزى جايلىرىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.

1264206
گىۋاتېمالادا قىسمەن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۋاتېمالا ھۆكۈمىتى، چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۈچ ئەسكەرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلىشىدىن كېيىن، دۆلەتنىڭ بەزى جايلىرىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى؛ جىددىي ھالەتنىڭ ئىزابال، زاكاپا، ئەل پروگرېسو، پېتېن ۋە ئالتا ۋېراپاز رايونلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان يېزا – بازارلىرىدا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قارار، 30 كۈن بويىچە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، قورال ئېلىپ يۈرۈش ۋە ئاقتۇرۇش بۇيرۇقى بولماي تۇرۇپ تۇتقۇن قىلىشقا تۇرۇش دېگەندەك ئاساسىي قانۇن تەرىپىدىن كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغان ھەق – ھوقۇقلارنى توڭلىتىپ قويۇلۇشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

گۋاتېمالا پىرېزىدېنتى جىممي مورالېس، ئەسكەرلەرگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر