باھاما تارىخىدا بۇنداق چوڭ قۇيۇن ئاپىتىگە ئۇچراپ باقمىغان ئىدى

دورىيان قۇيۇنىنىڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان باھامادا 70 مىڭ كىشىنىڭ يېمەك ۋە پاكىر سۇ دېگەندەك ئەقەللىي ياردەملەرگە مۇھتاج ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1264021
باھاما تارىخىدا بۇنداق چوڭ قۇيۇن ئاپىتىگە ئۇچراپ باقمىغان ئىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ماك لوۋجوك باھاما زىيارىتىدىن كېيىن تېلېفون كونفىرانسى ئارقىلىق مەتبۇئاتلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، دورىيان قۇيۇنىنىڭ باھامادا چوڭ ۋەيرانچىلىقلارغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

دورىيان قۇيۇنىنىڭ باھاما تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قويۇن ئاپىتى بولغانلىقىنى ۋە رايوننىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنچە چوڭ تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچراپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مۇئاۋىن باش كاتىب ماك لوۋجوك: «70 مىڭ كىشىنىڭ يېمەك ۋە پاكىز سۇ قاتارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە جىددىي ئىھتىياجى بار» دېدى.

باھاما سەھىيە مىنىستىرى دۇن ساندىسمۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا، قۇيۇن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئەسلىدىكى 7 كىشىدىن 20 كىشىگە يەتكەنلىكىنى ۋە بۇ ساننىڭ ئېشىپ كېتىش خەۋپى بارلىقىنى ئېيتتى.

باھاما باش مىنىستىرى ھۇبېرت مىننىسمۇ مارش پورتى ئەتراپىدىكى بىنالانىڭ %60 نىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دورىيان قۇيۇنىنىڭ كاتېگورىيە سەۋىيەسى ھازىر 2 گە چۈشكەن بولۇپ، ئامېرىكانىڭ شەرقىي ساھىللىرىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى، فىلورىدا ۋە گېئورگىيا ئىشتاتلىرى بىلەن جەنۇبىي ۋە شىمالى كارولىنا ئىشتاتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكانىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى، دورىيان قۇيۇنى گەرچە ئاجىزلىشىشقا باشلىغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا تەھدىت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ۋە سائەتلىك سۇرئىتىنىڭ ھازىر 177 كېلومىتېر ئىكەنلىكىنى شۇڭا سۇ ئاپىتى ۋە سەل كېلىش ۋەقەلىرىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلىپ خەلقنى ئاگاھلاندۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر