ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان ياشلار قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ئامېرىكانىڭ نىيۇيورك ئىشتاتىنىڭ شىمالىي رايونىدىكى مۇسۇلمانلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئىسلامبېرگ ئولتۇراق رايونىغا بومبا ھۇجۇمى قىلىشنى پىلانلىغان 3 ياشنىڭ ئەڭ ئاخىرىقىسىمۇ سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1263505
ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان ياشلار قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مونرو رايونلۇق سوت مەھكىمىسى سەيشەنبە كۈنى سوتقا ئېلىپ كېلىنگەن 20 ياشلىق ۋىنسېنت ۋېترومايلنى 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ۋىنسېنت ۋېترومايل ئىيۇن ئېيىدىكى سوتتا ئۇنىڭغا قارىتىلغان «تېررورلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، قورال ۋە پارتلاتقۇچ ماددا ساقلاش» جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

نىيۇيورك ئىشتاتىنىڭ شىمالىي رايونىدا مۇسۇلمانلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئىسلامبېرگ ئولتۇراق رايونىدا ۋىنسېنت ۋېترومايل بىلەن بىرگە 200 گە يېقىن مۇسۇلمان ياشايدىغان بولۇپ، ۋىنسېنت ۋېترومايل ئۇلارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېتتىراپ قىلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدىن 20 ياشلىق براين كولانېر ۋە 19 ياشلىق ئاندرېۋ كىرىيسېلمۇ ئەيىبلەشلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئالدىنقى ئايدا 4 يىلدىن 12يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

يانۋار ئېيىدا بۇ 3 ياش ئىسلامبېرگ يېزىسىغا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغانلىقى سەۋەبىدىن نازارەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئايىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلەردە، 3 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان بومبا ۋە 23 قورالنى قولغا چۈشۈرگەن ئىدى.

ئىسلامبېرگ يېزىسى نىيۇيورك شەھەر مەركىزىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئەسلى پاكىستانلىق دىنىي ئالىم مۇبارەك ئەلى گىيلانى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى تەرىپىدىن كاتسكىلس رايونى يېنىغا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر