ترامپ: پىرېزىدېنتلىققا قايتا سايلانسام خىتاي بىلەن پۈتۈشەلىشىمىز قىيىن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىدا تەكرار غەلىبە قىلغان تەقدىردە خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈشلىرىنىڭ قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1263658
ترامپ: پىرېزىدېنتلىققا قايتا سايلانسام خىتاي بىلەن پۈتۈشەلىشىمىز قىيىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سودا سۆھبىتىنىڭ ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ يېڭى بىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەن پىرېزىدېنتلىققا قايتا سايلانغان تەقدىردە، خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈشىمىز ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ،  بۇنىڭغا ئەگىشىپ، خىتاي شىركەتلىرى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كېلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر