مالىدا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسى  نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

مالىدا يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ يولغا كۆمۈپ قويۇلغان مىناغا سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 20 كىشى قازا قىلدى.

1263660
مالىدا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسى  نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Maliactu.net › خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالىنىڭ مەركىزى موپتى رايونىدىن شىمالدىكى گاۋ شەھىرىگە قاراپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار  ئاپتوبۇسى، موپتى رايونىغا قاراشلىق دوئېنتزا يېزىسىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتا يولغا كۆمۈپ قويۇلغان مىناغا سوقۇلۇپ كەتكەن.

ئارقىدىنلا پارتلاش يۈز بېرىپ، 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 15 كىشى ئېغىر يارىلانغان. يارىدارلار يېقىن ئەتراپتىكى سەھىيە مەركەزلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەتكە ئۆتۈشى بىلەن بىرلىكتە، پات – پات مىنالار كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان پارتلاشلار مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر