تالىبان كابۇلدا بومبا ھۇجۇمى پەيدا قىلدى

تۈنۈگۈن (2-سېنتەبىر) ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 16 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 119 كىشى يارىلاندى.

1262622
تالىبان كابۇلدا بومبا ھۇجۇمى پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ناسرات راھىمى بىر ئاپتوموبىلغا قويۇلغان بومبىنىڭ تۇرالغۇلارغا يېقىن بولغان بىر جايدا پارتىلغانلىقىنى، ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ شۇ يەر ۋاقتى 21 دىن 45 مىنۇت (ئەنقەرە ۋاقتى 20:15) ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى نىشانىنىڭ، بەزى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە مېھمانسارايلار جايلاشقان «گرېن ۋىلىج» (GreenVillage) ئىكەنلىكىنى، ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 16 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 119 غا چىققانلىقىنى، جېنىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ھۇجۇم تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان بەش تېررورىستنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رايوندىكى 400 چەت ئەللىكنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تالىبان ھۇجۇمغا جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ۋە نىشاننىڭ چەت ئەل كۈچلىرى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزاد ھۇجۇمدىن بۇرۇن تالىبان بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خالىلزاد خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا، تالىبان بىلەن پىكىر ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ۋە كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تەستىقىغا سۇنىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئىدى.

كېلىشىم رامكىسىدا، ئامېرىكانىڭ 135 كۈن ئىچىدە ئافغانىستاندىكى بەش ھەربىي بازىدا تۇرۇۋاتقان 14 مىڭ ئەسكەردىن 5 مىڭىنى چېكىندۈرۈشى پىلان قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر