ھىندىستاندا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىستانسىسىغا ئوت كەتتى

ھىندىستاندا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىستانسىسىغا ئوت كېتىپ، 4 كىشى ئۆلدى ۋە 3 كىشى يارىدار بولدى.

1262872
ھىندىستاندا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىستانسىسىغا ئوت كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بومباي شەھىرى ئەتراپىدىكى ئۇران رايونىدا ھىندىستان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتىگە تەۋە بىر ئىستانسىسىغا ئوت كەتكەن.

ساقچى دائىرىلىرى ئەتىگەن سەھەردە ئىشچىلارنىڭ سانى ئاز ۋاقىتتا ئوت كەتكەنلىكىنى، ۋەقەدە 4 كىشى ئۆلۈپ، 3 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىندىستان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئىران رايونىدىكى ئىستانسىنىڭ يامغۇر سۇيىنى تارتىش بۆلىمىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ 2 سائەت ئىچىدە كونتىروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

باياناتتا، ئوت ئاپىتىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكى، تەبىئىي گازنىڭ بولسا، گۇجىراتتىكى يەنە بىر ئىستانسا ئارقىلىق باشقا تەرەپكە يۈزلەندۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر