ساقچىلار خوڭكوڭدا نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلدى

خىتاي ساقچىلىرى، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا جىنايەت گۇماندارلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن لايىھەسىگە قارشى نامايىش قىلىۋاتقانلارغا مۇداخىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1261794
ساقچىلار خوڭكوڭدا نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭدا خېلى كەچكىگە داۋاملاشتقان تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئەسناسىدا خوڭكوڭ ئارىلى ۋە كوۋلۇن سىتى رايونلىرىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بارلىق مېترو قاتنىشى توختىتىپ قويۇلدى، يولۇچىلار ئاپتوبۇسلىرى 60 تىن ئارتۇق يولدا مۇلازىمەت قىلىشنى توختاتتى. شەھەردە قاتناش توختاپ كېتىش باسقۇچىغا كېلىپ قالدى.

مەھەللىي تاراتقۇلاردا ساقچىلارنىڭ موڭ كوك، شاھزادە ئېدۋارد، كۋۇن توڭ مېترو بېكەتلىرىدە نامايىشچىلارنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر چىقتى. ۋان چاي رايونىدا بولسا، كەم دېگەندە 10 نامايىشچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن يالاپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكى كۆرۈلدى.

شەھەردە ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلغان ياكى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنۋاتقان كىشىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىگە ئاسانچىلىق يارىتىپ بېرىدىغان قانۇن لايىھەسى 3 – ئاپرېلدا مەھەللىي پارلامېنتقا سۇنۇلغان بولسىمۇ، نارازىلىقلار باش كۆتۈرگەندىن كېيىن قايتۇرۇۋېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر