رۇسىيە قوش تەرەپلىك جاسۇسنىڭ زەھەرلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە قارىتا يېڭى ئېمبارگولارنى يولغا قويۇشىنىڭ قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

1260395
رۇسىيە قوش تەرەپلىك جاسۇسنىڭ زەھەرلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا پايتەخت موسكۋادا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار نۇقتىلىق تېمىلار ئۈستىدە توختالدى. 

مارىيا زاھاروۋا ئامېرىكانىڭ قوش تەرەپلىك جاسۇس سېرگېي سىكرىپال ۋە قىزى يۇلىيانىڭ ئالدىنقى يىلى ئەنگلىيەدە خىمىيەلىك بىر ماددە بىلەن زەھەرلەپ سۇيىقەست قىلىنىشى تۈپەيلىدىن رۇسىيەگە قاراتقان يېڭى ئېمبارگولىرى ئۈستىدە توختالدى.

مارىيا زاھاروۋا «ئامېرىكانىڭ ئېمباروگولىرى پەقەت رۇسىيەگە نىسبەتەنلا ئەمەس، بارلىق دۆلەتلەرگە نىسبەتەنمۇ قانۇنلۇق سالاھىيىتى بولمىغان بىر بېسىم ۋاستىسىدۇر. ئامېرىكا رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگولىرى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناىسۋەتلەرنى سايلام رىقابىتىگە قۇربان قىلماقتا» دېدى.

زاھاروۋا ئافغانىستان مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە تالىبان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالىشىنى مۆلچەرلىنىۋاتقان تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشىغا كاپالەتچى بولالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

زاھاروۋا رۇسىيەنىڭ ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى كەشمىر يىرىكچىلىكلەرنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر