خىتاي ھەربىي ئاپتوموبىلى ۋە پاراخوتى خوڭكوڭغا كىردى

خىتاي ئەسكەرلىرى ئولتۇرغان بىر توپ ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە پاراخوت خىزمەت ئالمىشىش ئۈچۈن ئۈچ ئايدىن بۇيان نامايىش توختىمايۋاتقان خوڭكوڭغا كىردى.

1260890
خىتاي ھەربىي ئاپتوموبىلى ۋە پاراخوتى خوڭكوڭغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى توشىغان ئاپتوموبىل ۋە ھەربىي پاراخوت خىزمەت ئالمىشىش ئۈچۈن شېنجىن شەھىرىدىكى خۇاڭ گاڭ پورتىدىن خوڭكوڭغا شۇ يەر ۋاقتى سائەت 04:00 دە كىرگەن.

ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە پاراخوتتا قانچە ئەسكەر بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى، ئەمما مەزكۇر خىزمەت ئالمىشىشنىڭ خوڭكوڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 1997-يىلىدىن بۇيان مۇقىم ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 22 –قېتىملىقى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك فوتوگرافلاردا، ئەڭ ئاز دېگەندە بەش دانە كىچىك تىپتىكى ھەربىي ئاپتوموبىل، ئۈچ دانە چوڭ ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە بىر ھەربىي پاراخوت كۆرۈندى.

خوڭكوڭ پارلامېنتدىكى «Civic» پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى دېننىس كۋوك (Dennis Kwok) يەرلىك تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خوڭكوڭدىكى بۇ ھەرىكىتىنى قەستەنلىك بىلەن قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇش مەنىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ھەربىي گارنىزونى خوڭكوڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندە قۇرۇلغان بولۇپ، 5 مىڭ ئەسكەرنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنىدۇ.

خوڭكوڭ گارنىزونى مەركىزى گۇاڭجۇغا جايلاشقان گۇاڭدۇڭ جەنۇبىي ھەربىي رايونىغا قارايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر