جەنۇبىي كورېيە ياپونىيەنى دۇرۇست بولماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى

جەنۇبېي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن ياپونىيەنى ئۇرۇش مەزگىلىگە تەۋە تارىخىي سەۋەبلەر ھەمدە جەنۇبىي كورېيەگە نىسبەتەن ئېكسپورت چەكلىمىسى قويۇش ئارزۇسى توغرىسىدا «دۇرۇست بولماسلىق» بىلەن ئەيىبلدى.

1260787
جەنۇبىي كورېيە ياپونىيەنى دۇرۇست بولماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبېي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن مىنىستىرلار كابېنتى يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، «ياپونىيە جەنۇبىي كورېيەگە قارىتا ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزگەنگەنلىكىگە دۇرۇست بىر شەكىلدە ئېنىقلىما بېرەلمىدى ۋە بۇ پوزىتسىيەسىنى ئاساسسىز بىر شەكىلدە پات - پات ئۆزگەرتىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى توغرا كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى. سەۋەبى مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە تارىخىي مەسىلىلىرىگە چېتىۋالغانلىقى ئېنىق. بۇنىڭ تولىمۇ دۇرۇست بولمىغان بىر پەزىتسىيە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالماي ئۆتۈپ كېتەلمەيمەن» دېدى.

مۇن جائىن ياپونىيەنىڭ تارىخقا بولغان نۇقتى نەزىرىدىمۇ دۇرۇست بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «كورېيە ۋە ئاسىيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئازابلىنارلىق بىر ئۆتمۈشكە ئىگە. بۇنىڭ سەۋەبچىسىمۇ ياپونىيە ئىدى. بۇ خاتىرە بىر ھەقىقەتتۇر. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغان ياكى پۇشايمانلىق ھېس قىلمايدىغان پوزىتسىيەسى ئارقىلىق تارىخنى بۇرمىلاش ئۇرۇنۇشى، ئەينى چاغدىكى ناھەقچىلىققا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ يارىسىغا تۇز سەپكەنلىك بولىدۇ» دېدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر